-
شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىك مەسىلىسىنىڭ تارىخى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى سىياسىتى - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2009-12-25

شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىك مەسىلىسىنىڭ تارىخى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى سىياسىتى
كىرىش سۆز
چىيەنلۇڭنىڭ 23- يىلى ( 1758- يىلى ) بىرىنچى ئايدا، كەچكى شەپەق بىلەن تەڭ
ھازىرقى شىنجاڭ زىمىنىنى ئۇر – چاپ ئاۋازلىرى قاپلىدى. غەربى يۇر...
-
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلىرىم مەن تۆۋەندە تىيەنجىن شەھرىدىكى مۇسۇلمان قېرىندىشىمىز نۇرۇنجى نىڭ تەكشۈرىشىدە بايقالغان، مۇسۇلمانلار ئىستىمالىدىكى ھارام يىمەكلىكلەرنى سىلەرگە بىلدۇرمەكچىمەن.
ئاپتۇر: تىيەنجىن شەھىرىدە مۇسۇلمان، نۇرۇنجى.
لىنشىيا شەھەرلىك مۇسۇلمانلار تەشۋىقات كومتېتى بىسىپ تارقاتتى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
مىھرىبان ئاللاھغا چەكسىز ھەمدۇسانالار بولسۇن!
مەن ئاللە نىڭ رەھمىتى بىلەن لىنشىيادىكى داشىگۇۋەن جامەسىدە، جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، بېيجىڭ، تىيەنجىن، خېبىي، شەندۇڭ، يۈننەن، شىنجاڭ قاتارلىق رايۇنلاردا بازارغا سىلىنىۋاتقان ھەرخىل 'مۇسۇلمانچە' ئەمەس يىمەكلىكلەرنى تەكشۇرۇش جەريانىدىكى ئەمىلى ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلىش شەرىپىگە ئېرىشتىم.
-
يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەزىمەت ۋە كىر يۇيۇۋاتقان ئەر - [ئىسلام دىنى]
2009-10-09

قار يىغىۋاتقىلى ئۈچ كۈن بولدى.ئاپئاق قارغا كۆمۈلگەن زىمىن قىتىپ ئۇيۇپ قالغاندەك سوزۇلۇپ ياتىدۇ.ھۇشقۇيتۇپ سۈر كۆرسىتىۋاتقان شىۋىرغان قارلارنى ئۇچۇرتۇپ يۇرۇيدۇ.تەبىئەت مۇزلىغان،جاھاننى سوغۇقلۇق ئىلكىگە ئالغان.شۇ ھالدا ئالەم_ جاھاننىڭ جاراڭلاپ تۇرغان سوغۇقىدىن كۆرە ئاچچىق زەربىسىدىن نىمە قىلارىنى بىلمەي قالغان كىشىلەرنىڭ يۈرەكلىرىنى مۇدھىش بىر سوغۇقلۇق ھەم غەزەپ ئىگىلىگەن .قارنىڭ سوغۇقىدىنمۇ بەكرەك جاننى قىسىدىغان پاجىئەنىڭ كۆيدۈرۈپ ،چاياندەك چىقىپ ،قاخشىتىپ ،جانغا ۋەھىمىلىك قىيناق سالىدىغان ئوغىدەك سىزىمىدىن گاراڭ بولغان بىرتوپ جامائەت مەھەللىنىڭ كۈچىقىش تەرىپىدىكى ياداڭلىق ئارىسىدىكى زاراتگاھتىن قايتىپ مەھەللىگە كىرىپ كىلىشتى.بىر -بىرىدىن ئىغىر ئۈچ جىنازا ئۇلارنىڭ يەلكىسىنى ئەمەس يۈرىكىنى،روھىنى بىسىپ يانجىپ
-
بىز ھەممىمىز پەيغەمبىرىمىز(ئۇنىڭغا دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن)نى ياخشى كۆرىمىز.چۈنكى ئۇ بىزنى ئاللاھنىڭ يولىغا باشلىغاندۇر ۋە ھەقىقەت يولىنى تېپىشىمىزغا ياردەم بەرگەندۇر.ئۇ بىزنى ئۇلۇغ ئاللاھ«سىلەرگە اللە تەرىپىدىن نۇر(يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام) ۋە روشەن كىتاب(يەنى قۇرئان)كەلدى»مائىدە-5:15دېگىنىدەك يورۇقلۇق-ھىدايەتكە چاقىرغۇچىدۇر.شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئەلۋەتتە پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇھەببىتىنى بالىلىرىمىزنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈشىمىز زۆرۈر.شۇنداقلا بىزنىڭ قەلبىمىزدىمۇ ئۇنىڭ مۇھەببىتى كۈنسېرى ئېشىپ بېرىشى ھەم زۆرۈر.
-
· ئىستىخارە ھەققىدە چۈشەنچە - [ئىسلام دىنى]
2009-10-09

ئىستىخارە دېگەن سۆزنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى: بىر ئىشتا تاللاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت. ئىسلام فىقھىدىكى ئىستىلاھ مەنىسى: ۋە ئىستىخارە دۇئاسى دەپ ئاتالغان مۇئەييەن دۇئا ئوقۇش ئارقىلىق ئاللاھتىن ئىشلارنىڭ ياخشىراقىنى تاللاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. (لىسانۇل ئەرەب ۋە كۇۋەيت فىقھى ئانسىكلۇپىديىسى 2413-بەت.) ئىستىخارە سېلىشنىڭ ھېكمىتى ۋە پەلسەپەسى: ئاللاھ تائالا مومىنلەرنى بۇ ئىشنى
-
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2009-10-09

ﻣﺎﺳﻼﺷﻤﯩﺪﯨﯔﺯﺍﻣﺎﻧﻐﺎ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
|ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻐﺎ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
"ﻟﯘﻓﺎﯓ"ﺩﯦﺪﯗﻕ ﺑﯩﻨﺎﻧﻰ ،
"ﺧﺎﺑﺎ "ﺩﯦﺪﯗﻕ ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﻰ .
"ﻣﯩﻴﻨﯜ"ﺩﯦﺪﯗﻕ ﺭﻩﻧﺎﻧﻰ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
"ﻟﯘﻓﺎﯓ "ﺋﺎﻟﺪﯗﻕ "ﺩﻩﻳﻜﯜﻩﻥ"ﮔﻪ ،
"ﺟﯘﺍﯕﺸﯩﻴﯘﯞ "ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ "ﻳﯩﯟﻩﻥ"ﮔﻪ ،
ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻳﻮﻗﻤﯘ ﺩﻩﺗﻤﻪﻧﮕﻪ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘﻧﻰ "ﺑﯩﯖﺸﯩﻴﺎﯓ "ﺩﻩﭖ ،
ﻳﺎﯕﺮﺍﺗﻘﯘﻧﻰ "ﻳﯩﯖﺸﯩﻴﺎﯓ "ﺩﻩﭖ ،
ﮔﯜﺭﺟﻪﻛﻨﯩﻤﯘ "ﺗﯩﺸﯩﻴﺎﯓ "ﺩﻩﭖ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
"ﮔﯘﯕﯟﯗﻳﯜﻩﻥ"ﺩﻩﭖ ﻣﻪﻣﯘﺭﻧﻰ ،
"ﭼﯩﻴﻪﻧﺰﻩ"ﺩﯦﺪﯗﻕ ﺋﺎﻣﺒﯘﺭﻧﻰ ،
ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﺭﻣﯩﺰ ﺗﻪﻣﺒﯜﺭﻧﻰ ؟
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
-
مۇسۇلمانمەن - [ئىسلام دىنى]
2009-10-08

مۇسۇلمانمەن نامازنى ئادا قىلمايمەن،
ساۋاپ ئىزدەپ ۋاقتىمنى پىدا قىلمايمەن.
مۇسۇلمانمەن ھالالدىن يەيمەن تائامنى،
قورساق تويسا اللە قا دۇئا قىلمايمەن.





